• مەست كېمە( داستان)

    يوللانغان ۋاقتى:17-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    بۇ ئەسەر سىموۋېلىزىم ئەدەبىياتنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى رامبونىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى

     

    ئاپتورى: ئارتۇر رامبو (فرانسىيە)

    تەرجىمە قىلغۇچى : باتۇر روزى

     

    ئاپتۇر ھەققىدە :
    ئارتۇر رامبو (1891-1854) فىرانسىيەسىمۋولىزىملىق شېئىرىيەتنىڭ مەشھۇر پىشىۋالىرىدىن. «پەۋقۇللاددە تالانىتقا ئىگەغەلىتە شائىر» . ئۇ 15 يىشىدا شېئىر يىزىشنى باشلاپ ، 20 ياشقا كىرگەندە : «مەنئۆزەمنى شەيتان، پەرىشتە سانايتىم. مەن ئاخىر زىمىنغا قايتىپ كەلدىم، رىئاللىقنىقۇچاقلاپ، دېھقان بولۇپ كېتەيچۇ!» دېگەن ھېسىياتقا  كېلىپ قالىدۇ-دە، قەلەمنى تاشلاپ قويىدۇ. ئەمما، 5 يىللىق قىسقىغىنا شېئىرىي ھاياتىدا فىرانسىيە شېئىرىيەت مۇنبىرىنى زىلزىلىگەكەلتۈرىدۇ. «مەست كېمە» − شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى.


    رەھىمسىز دەريادا ئاقىمەن ئەركىن،
    تۇيغۇمدا ماتروسلار تارتالماس ئارقان.
    ئۇلارنى سۈرەنچى قىزىل تەنلىكلەر،
    قوزۇققا باغلىشار، ئەيلىشىپ نىشان.

    غەۋۋاسلار تەقدىرى ماڭا ېچنىمە،
    پاختا ۋە بۇغدايلار توشۇيمەنھەردەم
    .
    ماتروسلار پەريادى تىنچىغان مە
    ەل،
    دەريادا مەيلىمچە ئاقىمەن بىغەم .

    دولقۇنغا بىپەرۋا چاپتىم بىر ئاياز،
    ئويۇنچى بالىدىن كۆرە بولدۇم گاس.
    كۆنەگىدىن قوزغالغان ھەر
    ىلەرسىمان،
    ماتروسلار بولماقتا ئارقاندىن خالاس.

    دېڭىزدا ئويغانسام قۇت تىلەر بوران،
    ئۇسۇللار ئوينىدىم شىشىدىن لەرزان .
    ئۆلگەنگە ئەبەدىي
    بۆشۈك- دولقۇندا،
    خامۇش كۆز ماياكقا ئۆتتۈم بەرمەي جان.

    سىڭمەكتە كىمەمگە ياپيىشىل سۇلار،
    ئۇ چۈچۈك ئالمىدىن لەززەتلىك ۋە ساپ.
    يۇدى ئۇ قۇسۇق ۋە كۆك مەي دېغىنى،
    لەڭگەرنى چالغىتىپ، روللارنى چايقاپ.

    شېئىرىغا دىڭىزنىڭ چۆمۈلدۈم دەرھال،
    ئەي ،دىڭىز، باغرىڭ سۈت ،چۆكەر يۇلتۇزلار.
    ئويچان، مەس جەسەتلەر ئۆتۈشەر لەيلەپ،
    يىشىل نۇر، كۆك رەڭگە تويۇندۇم زېنىھار

    ئېچىيدۇ يىشىللىق ۋە بىمەنىلىك،
    كۈندۈز يالقۇنىدا رېتىملار لەرزان.
    ئېچىيدۇ ۋاللىدە قىزارغان سۆيگۈ،
    پورلىشىپ، خېمىرلار ئۆرلىگەنسىمان.
     
    ھاراقتىن
     كۈچلۈكرەك ئاچچىقى ئۇنىڭ ،
    ۋە چىلتار ئۈنىدىن چەكسىز - بىپايان.

    -ئەي چاقماق نۇرىدا يېرىلغان ئاسمان،
    شىددەتلىك دولقۇنلار، تونۇش قۇيۇنتاز!
    -ئەي گۇگۇم، ئەيسەھەر ئاق كەپتەردەك شاد،
    كۆرگەنمەن، خىياللار ئاجايىپ رەڭۋاز!

    سىرلىق ئەندىشىلەر قارايتقان قۇياش،
    سۆسۈنرەڭ نۇرلارنى چاقناتقان ئۇزاق.
    موللاقچى دولقۇنلار تەۋرەر يىراقتا،
    نۇر ئىچرە
     يەلپۈنگەن خورچىلار سىياق.

    چۈشۈمدە يىشىل تۈن، كۆزچاقنار قاردا-
    دېڭىز كۆزلىرىدە بىر لەۋ لۆمۈلدەر.
    چۈشۈمدە چۆرگىلەر ئاجاي
    ىپ سۇلار،
    چۈشۈمدە كۆك، سىرىق رەڭ ئويغىنىپ شۇ ئان،
    فوسفۇر نۇرلىرىمۇ كۈيچىدەك كۈيلەر.

    ئاي- ئايلاپ قوغلىدىم دولقۇنلارنى مەن،
    دولقۇنلار سوقىلار خادا تاشلارغا،
    قاشاغا ئۇرۇلغان تۇسۇن كالىدەك.
    مەريەملەر تاشلىغان نۇرانە ئاياغ،
    قانداقمۇ باسالار، شاۋقۇنلۇق دېڭىز،
    ۋات- ۋات ئېغىزىنى قويىۋەتسە بەك ؟

    دولقۇنلار قوغلاشتىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
    ئۇچرىدى قەدەمدە غارايىباتلار.
    ئۇ يەردە قاپلانلار تالاي ۋە تالاي،
    تېرىسى ئادەمنىڭ ، كۆزلىرى رەڭدار.

    بۇ كۆزلەر گۈللەرگە ئىرماش ۋە چىرماش،
    ئۇندا
     ھەسەن -ھۈسەن  رەڭدار ۋە تۇتاش-
    دېڭىز قەھرىدىكى
     كۆك ئاتلار تامان،
    تاشلانغان ساناقسىز يۈگەنلەر ئوخشاش.

    كۆرگەنمەن كوزەكنى -بىلىق تۇتقۇچى،
    كۆرگەنمەن بىخسىغان سازلىقلارنى ھەم .
    ئۇيقۇغا غەرق بولغان قومۇشلۇقلاردا،
    غايەت زور ھايۋانلار چىرىگەن
     ھەردەم.
    دولقۇنلار تىنچىسا، پەسىيىپ شامال،
    غايەت زور بىر دولقۇن ئۆرلىدى يەنە.
    تۆكۈلدى دولقۇنغا شارقىراتمىدەك،
    يىراق بىر كۆرۈنۈش ياساپ تەنتەنە !

    كۆرگەنمەن ، مۇزلارغا كۆمۈلگەن دەريا،
    قۇياشتى كۈمۈشرەڭ، كۈلرەڭتى ئاسمان.
    كۆرگەنمەن دولقۇنلار مەرۋايىتسىمان،
    قوڭۇررەڭ دىڭىزدا خەتەرلەر پىنھان.
    ئۇ يەردە دەرەخلەر ئەگرى ۋە دوناي،
    تارقىتار
      دەممۇ-دەم قارا رەڭ پۇراق.
    قۇرىتلار غاجىلاپ تاشلىغان چىلان،
    دەرەختىن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ھەرۋاق !

    كۆرسىتەي سىلەرگە بالىلار كەل، كەل!
    دولقۇنلار باغرىدا بىلىقلار شەمشەر،
    بىلىقلار كۈيلىشەر، يالتىرىشى زەر؛
    قۇت تىلەر ئەركىمگە كۆپۈكلەر گۈل-گۈل،
    قانىتىم شامالدۇر، سۈزۈك نەقەدەر!

    دېڭىزلار ھەرجايدا جاپاكەش ھارغىن ،
    پىغانلىق ئىڭرىشى پەپىلەر يۇۋاش؛
    ئۇ مىنى مۇلايىم تەۋرىتىپ لەرزان،
    چۈشلەرنىڭ باغرىغا قىيسايىتماقچى باش.
    ئۇ ماڭا يەلپۈتەر غۇۋا گۈلدەستە،
    زەپىرانچېھرىنى كۆرسىتىپ خىرە.
    مەن مەزلۇم مىسالى تىزلانغان پىتى،
    ئولتۇرۇپ قالىمەن بۇندا جىمغىنە...

    زەر كۆزلۈك قۇشلارغا تولغان ئارالدەك،
    كېمەمدە تەۋرىنەر ماياق ۋە چۇقان.
    جەسەتلەر لەيلىشىپ ئارقانلار ئارا
    كەينىگە ئۇيقۇلۇق داجىيدۇ ھەر ھان.

    بىلمىدىم، يوقالغان كېمىمۇ مەن يە
    چىرمىشىپ كۆك دېڭىز ئىپەكلىرىگە؟
    بىلمىدىم، بىر ئاجىز قۇشمۇ مەن ياكى
    ئاداشقان بوراننىڭ ئىتەكلىرىگە؟
    توپلانغان يەلكەنلەر،
     ھەربى كىمىلەر،
    ئۆلۈكۈم سىلەرگە ئ
    ەمەستۇر ھىرىس .
    دېڭىزدا مەس يۈرگەن سۆڭەكلىرىمگە،
    قارماقلار تاشلىشىپ قىلماڭلار خىرىس.

    تۈتەكلەر يول باشلار ئۈزسەم مەن ئەركىن،
    سۆسۈنرەڭ تۇمانلار لەيلىشەر ھەريان.
    تېشىمەن ئاسماننىڭ قىزغۇچ تېمىنى-
    قۇياشنىڭ مۇخلىرى ياسىغان جەۋلان.
    چىن شائىر سانايدۇ لەزىز مۇراببا،
    ئاسمان گۈمبىزىدىن تامچىسا ياشلار.
    چاقماقلار چىقىلسا سۇنۇپ ئەگىم ئاي،
    مەن ئۇنى يىپىنىپ چاپىمەن تەكرار.
    ئۇزاتسا قاپقارا دېڭىز ئاتلىرى،
    ئۈزىمەن، مەن گويا سەرسان بىر تاختاي.
    ئاسماننى دۇمبالار ئىيۇل توقمىقى،
    ئېسىلار ئۇنىڭغا ئاتەشلىك كارناي!

    تىترەيمەن غالىلداپ،
    ئۈنلەر يىراقتىن-
    شاش ئاتلار، ئۆركەشلىك ئۇپقۇنلار شۇدەم.
    جىمجىت يىشىللىقنى توقۇيمەن ئەبەد،
    قەدىم قورغانلارغا سىغىنىمەن
    ھەم .

    يۇلتۇز ئارىلىنى كۆرگەنمەن ئۇندا -
    كارۋانغا ئىشىك ئىچىپ سۆزلەيدۇ ئاسمان:
    «بۇ پۈتمەس كىچىدە ئۇخلامسىلەر يوق؟
    زەر قۇشلار-بەرگۈچى كىلەچەككە جان !»
    تاڭ نۇرى پەرىشان ،ياش تۆكمەسزېنھار،
    قۇياشلا جاپاكەش ،ئايلار
    ھەم  يامان؛
    بۇزرۇكۋار سۆڭىكىم دېڭىزغا كۆمۈل!
    ئاچچىقمۇھەببەتىن بىھوشمەن ھامان !

    ياۋروپا سۈيىنى ئەسلىسەم ئەگەر،
    تەشنامەن يول بويى كۆلچەكلىرىگە .
    كۆلچەكلەر شۇقەدەر قاراڭغۇ، سوغۇق،
    ئامراقمەن بالىلار ئەمەكلىرىگە .
    كەچ بولسا بالىلار قايغۇرۇپ ئۆتەر،
    كېمىسى بەك كىچىك كېپىنەكسىمان.
    يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆلچەك بويىدا
    سۇ ئېچرە كېمىنى قىلىدۇ راۋان .

    چۆكتۈممەن سىلەرگە ھارغىندولقۇنلار،
    پاختىلىق كىمىگە ئەگەشمەيزېنىھار .
    سىلەرنى ئەگىمەي رەڭدار بايراقلار،
    سىلەرنى ئايلىنىپ يۈرمەي كېمىلەر.

     

     

    ئەسەر ئۈستىدىكى تەھلىل

    مەس بولدى، يېشىندى، ئۇنتۇدى. كاپتالىزمنىڭ بارلىق ئىژتىمائى بويۇنتۇرقى ۋە روھى كىشەنلىرى تاشلىۋىتىلدى. سېھىرلىك يارقىن تەبىئەت سىزنى قۇچاغلىدى .سىزنى ئېرىتىپ تاشلىدى .سىز ئۆزىڭىزنى يوقاتقان ھالدا ئەركىنلككە ئېرىشتىڭىز .مەس كېمە –بىر تەبىئەت ئوغلىنىڭ ئالاھىدە سىموۋلى . «ماتروسلار» كاپتالىزىمنىڭ ئىژتىمائى كۈچلىرنىڭ سىموۋلى.« قىزىل تەنلىكلەر » ئىپتىدائى كۈچنىڭ سىموۋلى .« قىزىل تەنلىكلەر»، «ماتروسلار»نى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مەس كېمە ئوڭۇشلۇق يۈرۈپ كېتىدۇ ۋە ئەركىن تەسسەۋۇر دېڭىزىغا كىرىپ كېلىدۇ ، پۈتۈن شېئىردىكى سىموۋۇللۇق كارتىنا سۇ ئاساستا راۋاجلىندۇ. ئىژتىمائى بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلغاندىن كىيىنكى دۇنيانىڭ سىموۋۋۇلۇق مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا گەۋدىلىندۇ. شائىر «مەست» سۆزىنى تۇتۇۋلىپ  ئىنساننىڭ ئۆز –ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەندىن كىيىن مەستانىلارچە خوشاللقىنى، كەيىپسىمان كۆڭۈل مىسكىنلكىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ خىل تەسۋىرلەش بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى چوڭقۇرلۇققا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن «مەست» سۆزى ئەمىلىيەتتە شېئىرنى نورمال مەنتىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەلىپى. شائىر تەسسەۋۇردا ئەركىن بولدى . مەيلى قانداق چۈشەكەش ،جۆيلۈش ،مۇبالىغە ،ئاجايىپ –غارايىپ خىيال ،ھەتتا سەۋدايىلىقلار بولىشىدن قەتئى نەزەر ،ھەمممىسى روشەن ھالدا ھىسسى مەنتىقىگە ئۇيغۇنلاشقان ،شۇنداقلا شائىر بۇ ئارقىلىق «مەست» ھالەتتىكى ئىستىتىك دۇنيانى ئىجات قىلغان .بۇ خىل دۇنيادا « مەن » بىلەن تەبىئەت بىرلىكتە بارلىق ھاياتلىق مەجبۇرۇيەتلىرنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ قايغۇ ۋە خوشاللىقنى قوبۇل قىلغان. ئەمما، ئادەم روشەن ھالدا ئالىجاناپ ۋە باي،شۇڭا كىتاپخاننى كۈچلۇك ھالدا چىنلىققا قايتىشقا ۋە ئۆز –ئۆزىدىن ھالقىش ھىسىياتىغا چىللاپ كېلىدۇ .بۇ رىمبونىڭ « روشەن كۈزەتكۈچى » قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ ،ماھىيەت جەھەتتىن كۈزەتكەن ھەقىقى دۇنياسى ۋە ھەقىقى تۇرمۇشى .ئەمىلىيەتتە بۇ مەزگىلدە رىمبو تېخى دېڭىزنى كۆرمىگەن ئىدى .
    «مەس كېمە »« 20 –ئەسىردىكى دۇنيا لىرىك شېئىرلىردىن تاللانما » دىگەن كىتاپتىن ئېلىنغان .
    ئەسەر ئۈستىدىكى تەھلىل -« ياۋرۇپا –ئامرىكا سىموۋلىزىملىق شېئىرلىردىن بەھىرلىنىش » دىگەن كىتاپتىن ئېلىنغان .

     

    كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ تورغا تەييارلىغۇچى: يالقۇن ئەزىزى

     

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : رامبو،شېئىر،تەرج


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    يالقۇن ئەزىزى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 20:02 05-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 23-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار